لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبىي رايونغا قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى
لىۋان ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە بىلەن تۈنۈگۈن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، جەنۇبىي لىتانى رايونىغا مۇداپىئە قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبىي رايونغا قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى
لىۋان ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە بىلەن تۈنۈگۈن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، جەنۇبىي لىتانى رايونىغا مۇداپىئە قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. / Others

لىۋان ئارمىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى بىلەن ماسلىشىپ، مۇداپىئە قىسىملىرىنى جەنۇبىي لىتانى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي لىتانى رايونىغا مۇداپىئە قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا قىلىش ۋەدىسىگە ئاساسلىنىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

بايدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان باش مىنىستىرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ۋەيران قىلغۇچى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى» بىلدۈرگەنىدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 3-ماددىسىدا ئەسكەرتىشىچە، تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ قارارنىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى:

«لىۋاننىڭ رەسمىي ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى، ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە قورال - ياراغلىرى جەنۇبىي لىتانى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى