پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشماقتا: مودى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى يېڭى دېھلىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى «ئىجابىي يۈزلىنىش» ۋە چېگرا جىددىيلىكىنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا كۆرۈشىدۇ.
ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشماقتا: مودى  ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (ئوڭدا) ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى سەيشەنبە (19-ئاۋغۇست) كۈنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بىلەن كۆرۈشىدۇ، بۇ ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، يادرو قورالىغا ئىگە قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ پەسەيگەنلىكىنىڭ بىر بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى (18-ئاۋغۇست) ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باش مىنىستىر مودى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال قاتارلىق باشقا رەھبەرلەر بىلەن ھىمالايا تېغىدىكى تالاش-تارتىشلىق چېگرا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

كۈنتەرتىپتە چېگرادىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە ئۇ يەردىكى بىر قىسىم سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرىنىڭ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى «ئىجابىي يۈزلىنىش» نى ماختىدى

سەيشەنبە كۈنى (19-ئاۋغۇست) ئېلان قىلىنغان ئۇچرىشىش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىققا قاراپ «ئىجابىي يۈزلىنىش» تە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بۇ ئىككى دۆلەت جەنۇبىي ئاسىيادا تەسىر دائىرىسىنى تالىشىدىغان كۈچلۈك رەقىبلەر بولۇپ، 2020-يىلى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن ۋە ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلگەن ئىدى.

ھىندىستان يەنە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە «تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىيالوگى»  (Quad) غا ئەزا بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى خىتايغا قارشى تۇرۇش دەپ قارىلىدۇ.

ئەمما، ئامېرىكا پىرېزیدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرشارى سودا ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇش ئىچىدە، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا يۈزلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Explained: What, where and how of India-China border dispute

ۋاڭ دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر-بىرىنى دۈشمەن ياكى تەھدىت دەپ ئەمەس، بەلكى ھەمراھ ۋە پۇرسەت دەپ قارىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ «بارلىق دەرىجىدىكى دىيالوگنىڭ ئەسلىگە كېلىشى» ۋە «چېگرا رايونلىرىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاش» نى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ «ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي يولىغا قايتىشتىكى ئىجابىي يۈزلىنىش» نىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا باش مىنىستىر نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ كۈتۈلمەكتە.

«ئەڭ يۇقىرى سىياسىي دەرىجىدە مۇرەسسە قىلىش «

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا ماجىراسى 2020-يىلى لاداخ رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككى تەرەپتىن ئونلىغان ئەسكەرلەر ئۆلگەن توقۇنۇشتىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

مۇناسىۋەتنىڭ سوۋۇپ كېتىشى، سودا، دىپلوماتىيە ۋە ھاۋا قاتنىشىغا تەسىر قىلغان، چۈنكى ئىككى تەرەپ چېگرا رايونلىرىغا ئون مىڭلىغان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

ئۆتكەن يىلى (2024) ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا چارلاش كېلىشىمىگە قوشۇلدى ۋە بىر قىسىم چېگرا رايونلىرىدىكى قوشۇمچە قىسىملىرىنى چېكىندۈردى.

ھەر ئىككى دۆلەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە تاشيول ۋە تۆمۈر يول تورلىرىنى ياساش ئارقىلىق چېگراسىنى مۇستەھكەملىمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - China's Wang Yi travels to India for border talks after 2020 clash

يېقىنقى ئايلاردا، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارەتلىرى كۆپىيىپ، بىر قىسىم سودا چەكلىمىلىرىنى بوشىتىش، پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ۋىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. 6-ئايدا (2025)، بېيجىڭ ھىندىستانلىق تاۋاپچىلارنىڭ تىبەتتىكى مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

ھەر ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يوللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى راندىر جايسوال ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ 3,488 كىلومېتىر (2,167 مىل) لىق چېگراسىدىكى ئۈچ نۇقتا ئارقىلىق سودىنى قايتا باشلاش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان.

يېڭى دېھلىدىكى «كۆزەتكۈچى تەتقىقات فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مانوج جوشى مۇناسىۋەتنىڭ يەنىلا بىر قەدەر نورماللىشىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان جوشى مۇنداق دېدى:

«ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەڭ يۇقىرى سىياسىي دەرىجىدە سىياسىي مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چېگرا ماجىراسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى چۈشىنىشتە قىينالماقتا.»

دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ، بېيجىڭنىڭ ۋاڭنىڭ ھىندىستان زىيارىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ھىندىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «پەرقلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» كە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋاڭنىڭ مودىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ، خىتاينىڭ «چېگرا رايونلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.[1]

مودى يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا

بېيجىڭ بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا مودى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشقاندا باشلانغان. بۇ رەھبەرلەرنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزمۇ-يۈز سۆزلىشىشى ئىدى.

مودى مۇشۇ ئاي (ئاۋغۇست) نىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن خىتايغا بارغاندا شى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان رايونلۇق تەشكىلات.

بۇ يىل (2025) نىڭ بېشىدا، شى ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «ئەجدىھا-پىل تاڭگوسى» — يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ سىمۋوللۇق ھايۋانلىرىنىڭ ئۇسسۇلى شەكلىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن ئايدا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2020-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان.

ئامېرىكا ۋە پاكىستان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىدا رول ئوينايدۇ

بۇ يېڭى ئۇچرىششلار يېڭى دېھلىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ۋاشىنگتون ھىندىستان ماللىرىغا %50 تاموژنا بېجى قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خام نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن %25 جەرىمانىمۇ بار. بۇ تاموژنا بېجى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ھىندىستان چېكىنىشنىڭ ھېچقانداق ئالامىتىنى كۆرسەتمىدى، ئەكسىچە رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

-2014يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ھىندىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابىغا رەھبەرلىك قىلغان گېنېرال-لېيتېنانت د.س. خودا، ترامپنىڭ ھىندىستاننىڭ ئەشەددىي رەقىبى پاكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يېڭىلىشىنىڭمۇ يېڭى دېھلىنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

6-ئايدا، ترامپ پاكىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنى ئاقسارايدا چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلغان ۋە كېيىن ئىسلامئاباد بىلەن دۆلەتنىڭ نېفىت زاپىسىنى ئورتاق ئېچىش توغرىسىدا ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىلىرىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ترامپنىڭ ماي ئېيىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان توقۇنۇشتىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىشنى كېلىشتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن.

بۇ توقۇنۇشتا پاكىستان خىتايدا ياسالغان ھەربىي ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن پايدىلىنىپ ھىندىستانغا قارشى تۇرغان.

خودا مۇنداق دېدى: «خىتاي پاكىستانغا زور مەبلەغ سالغان، ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭنىڭ ئىسلامئابادنى قوللاشنى توختىتىدىغانلىقىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ.»

»ئەمما، چېگراڭىزدا ئىككى دۈشمەن قوشنا دۆلەت بولغاندا، ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا يېڭەلمەيسىز.«

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى