تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن سومالى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى كېلىشىمى ئىمزالىدى
مەزكۇر كېلىشىم تۈركىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدا تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئورتاقلىشىش، ھۆججەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچى سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي رامكا شەكىللەندۈرىدۇ.
تۈركىيە بىلەن سومالى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە بىلەن سومالى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى كېلىشىمى ئىمزالىدى / AA
2026-يىلى1-ئاينىڭ14-كۈنى

تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە بىلەن سومالى «تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە-سومالى قوشما خىزمەت كومىتېتى يىغىنى كېلىشىم لايىھەسى» ۋە «2026–2027-يىللىق ھەرىكەت پىلانى» نى ئىمزالاپ، كېلىشىمنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

تۈركىيە-سومالى قوشما خىزمەت كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

 تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەدات ئىشىقخان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن سومالى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى سالىم ئالىيو ئىبرو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

ۋەدات ئىشىقخان كېلىشىم لايىھەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنى دۆلەت تەرىپىدىن نازارەت قىلىش، ئەمگەك ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكى، خەلقئارا ئەمگەك كۈچى ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە دۆلەتلىك كەسپىي ئۆلچەملەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە ئەتراپلىق ۋە سىجىل ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبرو بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، ۋەدات ئىشىقخان كەسپدىشى بىلەن بىرلىكتە ھەيئەتلەر ئارا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىشىقخان تۈركىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىق ساھەلەردە كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىستراتېگىيەلىك بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلغان بىر ھەمكارلىق دەۋرىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋەدات ئىشىقخان مۇنداق دېدى:

«ھوقۇق دائىرىمىزدىكى مەسىلىلەردە سومالى تەرەپ بىلەن تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز ۋە بۇ ساھەلەردە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە تەپسىلىي سىزىپ چىقىلغان 2026–2027-يىللىق ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنىڭ مەۋجۇت شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى، كۆلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى مىنىستىرلىق ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر - ئالاقە، ھۆججەت ۋە مۇتەخەسسىس ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچلۈك بىر قانۇنىي رامكا شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان