خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق يېزىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە سۈرىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە دەمەشىق يېزىلىرىغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا ئالتە سۈرىيە ئارمىيەسى خادىمىنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق يېزىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە سۈرىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىق يېزىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە سۈرىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى / AP Archive

سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئەلئاخبارىيە» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دەمەشىق يېزىلىرىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسى بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئەلئاخبارىيە» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى «ئەلكىسۋە» كەنتىگە يېقىن جايدا ئېلىپ بارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا ئالتە سۈرىيە ئارمىيەسى خادىمىنى ئۆلتۈرگەن.

تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ دەمەشى يېزىلىرىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسى بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە سۈرىيە مىقياسىدا ھەربىي بازىلارنى ۋە ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان يۈزلىگەن ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى. بۇ نىشانلار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئىسرائىلىيە يەنە 1974-يىلى سۈرىيە بىلەن تۈزۈلگەن «ئايرىلىش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىپ، سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى قورالسىزلاندۇرۇلغان ئارىلىق رايونغا قاراتقان ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتتى.

تەخمىنەن 25 يىل سۈرىيەنىڭ رەھبىرى بولغان ئەسەد 12-ئايدا رۇسىيەگە قېچىپ، 1963-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان ئىدى.

1-ئايدا سۈرىيەدە ئەھمەد ئەلشارائا باشچىلىقىدا يېڭى بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى