ئىسرائىلىيەنىڭ پارتلىماي قالغان پارتلاتقۇچلىرى غەززەدە بىر پەلەستىنلىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-ئۆكتەبىر ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دەپسەندە قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 395 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1088 كىشى يارىلانغان.

By
ئىسرائىلىيەنىڭ پارتلىماي قالغان پارتلاتقۇچلىرى غەززەدە بىر پەلەستىنلىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى / AA

غەززە سەھىيە دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى غەززەدە پارتلىماي قالغان بىر پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

غەززە خەلق مۇداپىئەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تاشلاپ قويغان بىر نەرسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆينىڭ ئىچىدە پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، پەيشەنبە كۈنى غەززەدە ئىككى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ماددىي زىيان كېلىپ چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە تاشلاپ قويغان پارتلاتقۇچلارنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە غەززەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلق-ھەربىي ماسلاشتۇرۇش مەركىزى مەسئۇل» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەلق مۇداپىئەسى دائىرىلىرى جىددىي قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقىنى «جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ ئاتىدى، ھەمدە بۇ خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئورۇنسىز كېچىكتۈرۈشلەر ۋە ئىككىلىنىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تىببىي مەنبەلەر يەنە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇستىكى قىزان ئەبۇ راشۋان ۋە باتن ئەسسەمەن رايونلىرىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئەددەرەج مەھەللىسىدە 14 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغانلىقى، خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى بەنى سۇھەيلادا بولسا بىر ياش يىگىتنىڭ ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 70 مىڭ 700 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىككى يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 395 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1088 كىشى يارىلانغان.