ئىككى ياپونىيەلىك ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ياپونىيەلىك ئالىملاردىن شىمون ساكاگۇچى (Shimon Sakaguchi) ۋە سۇسۇمۇ كىتاگاۋا (Susumu Kitagawa) ئوخشاش بىر يىلدا ئىككى ئايرىم ساھە بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالىملارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ يىل 74 ياشتا.

By
شىمون ساكاگۇچى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا، مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. 2025-يىلى 10-دېكابىر. / Reuters

ياپونىيەلىك ئالىملاردىن شىمون ساكاگۇچى ۋە سۇسۇمۇ كىتاگاۋاغا تىبابەت ۋە خىمىيە ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن سىتوكھولمدا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلدى.

شىۋېتسىيە پادىشاھى كارل XVI گۇستاف چارشەنبە كۈنى سىتوكھولم كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 74 ياشلىق پىروفېسسورى ھۆرمەتلىك ساكاگۇچى ئەپەندىگە ۋە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 74 ياشلىق داڭلىق پىروفېسسورى كىتاگاۋا ئەپەندىگە ئالتۇن مېدال ۋە گۇۋاھنامىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئوخشاش بىر يىلدا ئىككى ئايرىم ساھە بويىچە نوبېل مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تىبابەتچىلىك بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ساكاگۇچى، باشقا «ت» (T)  ھۈجەيرىلىرىنىڭ بەدەندىكى ساغلام ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «تەڭشىگۈچى ت ھۈجەيرىلىرى» (regulatory T cells Tregs)  نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى. بۇ بايقاش ئۆزىگە قارشى ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى (autoimmune diseases)، راك ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى داۋالاشتا يېڭى ئۇسۇللارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولدى.

خىمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىتاگاۋا بولسا، مېتان ۋە ئازوت قاتارلىق گازلارنى ساقلاش ۋە قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كاۋاك ماتېرىياللار — مېتال-ئورگانىك رامكىلارنى (metal-organic frameworks) تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەندى.

نوبېل مۇكاپاتى 11 مىليون كرون (تەخمىنەن 1.2 مىليون دوللار) مۇكاپات پۇلى بىلەن بېرىلىدۇ. ساكاگۇچى ۋە كىتاگاۋانىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆز مۇكاپاتلىرىنى ئۆز ساھەسىدىكى باشقا ئىككى تەتقىقاتچى بىلەن تەڭ بۆلۈشتى.

ياپونىيە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 31 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنى يېتىشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن يىلى (2024) يادرو قوراللىرىغا قارشى قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتوم بومبىسى قۇربانلىرى گۇرۇپپىسى «نىھون ھىدانكيو» (Nihon Hidankyo) مۇ بار.