سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھىندى ئوكياندا ئىران قوغدىغۇچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە ئونلىغان ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى ياكى يوقاپ كەتتى؛ توقۇنۇشلار ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى دائىرىسىدىن ھالقىدى.
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ئابباس ئاراقچى: »ئامېرىكا ئىراننىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن 2000 مىل يىراقلىقتىكى دېڭىزدا ۋەھشىيلىك قىلدى» دېدى. رويتېرس. / Reuters

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئامېرىكانى سىرى لانكا قىرغاقلىرىدا ئىران ھەربىي پاراخوتىنى پارتلىتىپ ۋەھشىيلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن «قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئېكس (X) ئادرېسىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئامېرىكا ئىران قىرغاقلىرىدىن 2000 مىل يىراقلىقتىكى دېڭىزدا ۋەھشىيلىك قىلدى. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مېھمىنى بولغان، تەخمىنەن 130 خادىم بار <دېنا> (Dena) قوغدىغۇچى پاراخوت خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇلمايلا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. سۆزۈمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئامېرىكا ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ ئىشقا قاتتىق  پۇشايمان قىلىدۇ.»

جىمجىت ئۆلۈم

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ باياناتى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىر ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھىندى ئوكياندا ئىراننىڭ «IRIS Dena» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنى تورپېدا بىلەن سۇغا چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ۋاشىنگتون بۇ ھەرىكەتنى ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرى پېت خېگسېت (Pete Hegseth) بۇ ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېتىپ بارالايدىغان دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنى «جىمجىت ئۆلۈم» دەپ ئاتىدى ۋە ئىران پاراخوتىنىڭ ئۆزىنى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە بىخەتەر دەپ ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىرى لانكا دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران پاراخوتى چارشەنبە (2026-يىلى 4-مارت) كۈنى سەھەردە گاللې (Galle)  پورت شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن جىددىي ياردەم چاقىرىقى ئەۋەتكەن.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 32 خادىمنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئەمما ئونلىغان خادىم يوقاپ كەتكەن. ئەمەلدارلار ئاز دېگەندە 80 خادىمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

سىرى لانكا ئەمەلدارلىرى قۇتقۇزغۇچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغىچە پاراخوتنىڭ پۈتۈنلەي سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، پەقەت دېڭىز يۈزىدە نېفىت قالدۇقلىرىنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتتى. سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيە ئايروپىلانلىرى ۋە چارلاش كېمىلىرى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىدا بىتەرەپلىكىنى جاكارلىغان سىرى لانكا، خەلقئارالىق دېڭىز-ئوكيان مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن ياردەم چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US submarine sinks Iranian warship in first torpedo kill since WWII
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»