ترامپ ھوندۇراسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنىڭ بايدىن دەۋرىدە «تۇزاق» قا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ترامپ ھېرناندېزغا قارىتىلغان زەھەرلىك چېكىملىك دەۋاسىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلانغان «سىياسىي سۇيىقەست» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، سابىق رەھبەرنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىدى.

By
ترامپ ھوندۇراسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنىڭ بايدىن دەۋرىدە «تۇزاق» قا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھوندۇراسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خۇان ئورلاندو ھېرناندېزنىڭ ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

«ھاۋا ئارمىيەسى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايروپىلان» دا بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: «بۇ ماڭا ھوندۇراس تەرىپىدىن بىلدۈرۈلدى، ھوندۇراس خەلقىدىن نۇرغۇن كىشى <بۇ بىر بايدىن سۇيىقەستى ئىدى>  دېيىشتى. ئەسلىدە مەن بايدىننى دېمەكچى ئەمەس. قاراڭلار، بايدىننىڭ بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىمۇ يوق ئىدى، ئەمما ئوۋال ئىشخانىدىكى چوڭ ئۈستەل ئەتراپىدىكىلەر، يەنى بايدىننىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بۇ ئىشنى قىلدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ ئادەم دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى ئىدى، پەقەت دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى <زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى> دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. مەنمۇ پاكىتلارغا قاراپ چىقتىم ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدۇم» دېدى.

ترامپ ھوندۇراس خەلقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى سايلامغا قاتنىشىشىدىن پەقەت بىرنەچچە كۈنلا ئىلگىرى، يەنى جۈمە كۈنى ھېرناندېزنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2014   - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە ھوندۇراسنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھېرناندېز، 2024 - يىلى ئىيۇندا نىيۇ يوركتىكى بىر ھەيئەت تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە قورال - ياراق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكادا 45 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

تەپتىشلەر ھېرناندېزنىڭ ئامېرىكاغا ئومۇمىي مىقدارى مىلياردلارچە قېتىملىق ئىستېمال مىقدارىغا تەڭ كېلىدىغان 400 توننىدىن ئارتۇق كوكائىننىڭ توشۇلۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ترامپ ھېرناندېز ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىش توغرىسىدىكى باياناتى، ھوندۇراستىكى ئوڭچىل پىرېزىدېنت نامزاتى ناسرى ئەسفۇرانى قوللىشى بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئەسفۇرا ۋە ھېرناندېزنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇھەپپىزىكارلار پارتىيەسى ئەزاسى ئىدى.