ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 45 مىڭ 936 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 45 مىڭ 936 گە يەتتى.

ئىسرائىلنىڭ غەززەگە قارشى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا / TRT Afrika Hausa

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 460 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە ئالتە «قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىپ، يەنە 51 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 78 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 45 مىڭ 936 گە، يارىلانغانلار سانى 109 مىڭ 274 كە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.