ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
فىنلاندىيەدە ئىككى تىك ئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كېتىپ ، 5 كىشى قازا قىلدى
شەنبە كۈنى ياۋرو-ئايرودورومىغا يېقىن جايدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ بەش كىشى قازا قىلدى.
فىنلاندىيەدە ئىككى تىك ئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كېتىپ ، 5 كىشى قازا قىلدى
Police said the mid-air collision occurred shortly after noon near the town of Kauttua, with the wreckage falling some 700 metres from the Ohikulkutie road. / Reuters

فىنلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ياۋرو ئايرودرومى ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتا ئىككى تىك ئۇچار ھاۋا  بوشلۇقىدا سوقۇلۇپ كېتىپ بەش كىشى قازا قىلدى.

ساقچىلار سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كاۋتۇئا بازىرىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكى،  تىك ئۇچارنىڭ ئوخكۇلكۇتيې يولىدىن 700 مېتىر يىراقلىققا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىنلاندىيە بۇ ھەقتە  رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى. دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى جوھاننىس سىيرىلا: «شەنبە كۈنى ياۋرو ئايرودورومىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ۋەقەسىدە بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ساقچىلار ئۇچۇش پىلانىغا ئاساسەن، بىر تىك ئۇچاردا ئىككى ئكىشى ، يەنە بىرىدە ئۈچ كىشى بارلىقىنى، ھەر ئىككى تىك ئۇچارنىڭ فىنلاندىيە رۇيخەتكە ئالدۇرۇلغان تىك ئۇچار ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردى.  ئېستونىيە ئاممىۋى رادىئو شىركىتى (ERR) نىڭ فىنلاندىيەنىڭ خېلسىنگىن سانومات گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىك ئۇچارلارنىڭ بىرسى ئېستونىيەدە، يەنە بىرسى ئاۋىستىرىيەدە رۇيخەتكە ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشچە، ھەر ئىككى تىك ئۇچار ئېستونىيە شىركەتلىرىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلاردىن بىرسى نوبە شىركىتىگە، يەنە بىرسى ئېلىئون شىركىتىگە تەۋە ئىكەن. «Yle News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىك ئۇچارلار قىزىقارلىق ئاۋىئاتسىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىكەن.

فىنلاندىيە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەرلىك ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا، فىنلاندىيە ۋە ئېستونىيە دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى