ئامېرىكا ياپونىيەگە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى ئۆزئارا توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى بازىدا ھەربىي قىسىم قۇردى.
ئامېرىكا ياپونىيەگە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
The United States Capitol Building / AFP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى ئۆزئارا توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى بازىدا ھەربىي قىسىم قۇردى.خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ياپونىيە، ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانى گېنېرال-مايور ئانتونى ماستالىر ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، توكيودىكى يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئالەم بوشلۇقى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل ھەربىي قىسىم قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ: «شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەردىن باشقا، خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش ئۈچۈن قانۇنسىز، تاجاۋۇزچى تاكتىكىلارنى قوللانماقتا» دېدى.

«ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەيدى ۋە ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا تەييار» دېگەن ماستالىر، ھەربىي قىسىمنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلاردا مەسلىھەت ۋە مۇتەخەسسىسلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەسمىي كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھەربىي قىسىم ياپونىيە ھاۋادا مۇداپىئەلىنىش قىسىملىرى (ASDF) بىلەن «راۋان ماسلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

دۆلەت تاراتقۇلىرى ھەرىكەتلەرنىڭ بازىدىكى مەۋجۇت ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە يېڭى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى قۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز