خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت سۈرىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «14 يىللىق ۋەھشىيانە ئۇرۇش ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقى مۇقىم ۋە تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى» دېدى.
ب د ت سۈرىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
#NLD52 : ⑯ ۋە ⑩ بۆلەكلەر غەززە، ئىشغال قىلىنغان فلىسىتىن زېمىنىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ / TRT Global

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەدىكى بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

گۇتېررېس سۈرىيەلىكلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو.پېدېرسېننىڭ بۇ يۆنىلىشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس: «14 يىل داۋاملاشقان ۋەھشىيانە ئۇرۇش ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقى مۇقىم ۋە تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىشتەك تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى» دېدى.

گۇتېررېس تەرتىپلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر» نىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ سەزگۈر پەيتتە، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ۋە كەمسىتىشسىز ھالدا بارلىق سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقىمنى قايتا تەكىتلەيمەن» دېدى.

گۇتېررېس كونسۇللار ۋە دىپلوماتىك ئورگانلار بىلەن ئۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت باش كاتىپى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ياراشتۇرۇش، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش ھەممەيلەنگە تەڭ يەتكۈزۈلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ سىجىل تىنچلىقىنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيەدە 27-نويابىردا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.

پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا (2024) كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىقىلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن (8-دېكابىر) بائاس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان ۋە ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەخت دەمەشىقتىن قاچقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى