ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «ھاماسنى يوقىتىش پىلانى»نى تەييارلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى / Reuters

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ھاماس غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى ۋە ئارمىيەگە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنى «يوقىتىش» ئۈچۈن پىلان تۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىل كاتزنىڭ ئىشخانىسىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئەگەر ھاماس كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلسا، ئىسرائىلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا، ھاماسنى پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىش، غەززەدىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇرۇشنىڭ بارلىق نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن قايتىدىن ئۇرۇش قىلىدۇ ۋە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ» دېيىلدى.

كاتز يەنە غەززەدىكى تونېللارنى ۋەيران قىلىشنىڭ مۇھىم ھەربىي نىشان ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىر كۈچ بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ باياناتتىن ئىلگىرى، ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززۇددىن قەسسام بىرىگادىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

پەلەستىن تەشكىلاتى قالغان جەسەتلەرنى چىقىرىشنىڭ «زور تىرىشچانلىق ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر»نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇللارنىڭ بۇ دېلونى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«ھەر ۋاقىت قايتا باشلىنىشى مۇمكىن»

ھەر ئىككى تەرەپ ئامېرىكا، قاتار، تۈركىيە ۋە مىسىرنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئاجىز ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتوندا، ھاماس كېلىشىم شەرتلىرىنى ئورۇندىمىغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى «ھەرۋاقىت قايتا باشلىشى مۇمكىنلىكى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ: «ئەگەر ئىسرائىلىيە خالىغان بولسا، ئىككى يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش جەريانىدا ھاماسنى يوقىتالايتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى باسقۇچلۇق قويۇپ بېرىش ۋە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىن تەدرىجىي چېكىنىپ چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ۋاسىتىچىلەر كېلىشىمنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ئۇرۇشىغا قايتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ رايوندىكى جىددىيچىلىك يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا.