ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 300 قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلدى

ئىسرائىلىيە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە لىۋان بىلەن تۈزىگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 300 قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلدى.

ئىسرائىل ئارمىيەسىنىڭ بېيرۇت شەھىرىگە قارىتا قىلغان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 29-كۈنىدە لىۋان بىلەن تۈزىگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 6 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان 27-نويابىردىن بۇيانقى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ 301 گە كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇ ھۇجۇملاردا 33 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 37 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىۋان خەۋەر ئاگېنتلىقى  — NNA، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بەئلەبەك، جەنۇبىدىكى نەباتىيەنىڭ بىن جىبەيل قاتارلىق جايلارنى بومباردىمان قىلىش، ئۆيلەرگە ئوت قويۇش، ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇچقۇلارنى ئۇچۇرتۇش، ئوق چىقىرىش قاتارلىقلار كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پايتەخت بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى ھىزبۇللاھنىڭ قورغىنى دەپ قارىلىۋاتقان داخىلىيە رايونىدا ئىسرائىلىيە ئۇچقۇلىرى يەرگە يېقىن ئۇچقان.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان 1106ى ئايال ۋە بالا ۋە 222 سى سەھىيە خادىمى بولۇپ، كەم دېگەندە جەمئىي 4 مىڭ 61 ئادەم قازا قىلغان، 16 مىڭ 661 ئادەم يارىلانغان.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 27-نويابىر چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 04:00 دە (تۈركىيە ۋاقتى 05:00) كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا: «لىۋان ھۆكۈمىتى، ھىزبۇللاھ ياكى لىۋان زېمىنىدا تۇرۇشلۇق باشقا بارلىق قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەر قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى توسىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەمۇ لىۋاندا پۇقرا، ھەربىي ياكى دۆلەتكە تەۋە نىشانلارغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ياكى ھاۋادىن ھەر قانداق شەكىلدە ھەربىي ھۇجۇم قىلمايدۇ» دېيىلگەن ئىدى.