خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى
دائىرىلەر 2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1191 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 3853 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى / Reuters

سەھىيە ۋە يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قىلغان ئايرىم  ئايرىم ھۇجۇملىرىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى مەسئۇلىنىمۇ قوشقاندا ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 كىشى يارىلانغان.

شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار، 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھەر كۈنى ئاياق ئاستى قىلىنىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆرنەكلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىي غەربىدىكى شەيخ رىزۋان مەھەللىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا غەززەنىڭ شىمالىدىكى ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى 54 ياشلىق ئابدۇنناسېر مۇھەممەت ئەل-مۇقاددىمەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئەبۇ شارخ رايونىدا بىر ئاپتوموبىلغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات ھۇجۇمىدىمۇ بىر پەلەستىنلىك ئېغىر يارىلاندى.

سەھىيە مەنبەسى، پەلەستىنلىك ساقچى خادىمى يامەن ئۇبەيدنىڭ 14-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا يارىلانغانلىقىنى ۋە يارا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە ئوق چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا 1191 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 3853 پەلەستىنلىكنىڭ يارالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىقىدا 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 173 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق، رايوندىكى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى ۋەيران قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel seals off town in occupied West Bank, detains over 40 Palestinians
ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا