ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ نېتانياھۇغا «غەززەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە غەززەگە يېمەكلىك يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىنسانلار ئازاب تارتىۋاتىدۇ، غەززەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دېدى.
ترامپ نېتانياھۇغا «غەززەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتتى
"There's a very big need for medicine, food and medicine, and we're taking care of it," Trump says. / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا، قامال ئاستىدىكى غەززەدە «ئازاب تارتىۋاتقان» ئىنسانلارغا «ياخشى مۇئامىلە قىلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 7 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان توسۇپ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى غەززەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن، ترامپ سەيشەنبە كۈنى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا: «غەززەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭلار كېرەك» دېگەنلىكىنى ژۇرنالىستلارغا ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىنسانلار ئازاب تارتىۋاتىدۇ، غەززەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، غەززە خەلقىنىڭ يېمەكلىككە، بولۇپمۇ دورىغا قاتتىق ئېھتىياجى بار، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.» 

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەگە يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ – ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «شۇنداق، بۇ مەسىلىدە ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. 

 دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى (WFP) جۈمە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن غەززەدىكى بارلىق يېمەكلىك زاپىسىنىڭ «تۈگەپ كەتكەنلىكىنى» جاكارلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، غەززە ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ئېھتىياجىنىڭ پەقەت 25 پىرسەنتىنىلا قاندۇرالايدىغان ئاشخانىلارنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ماتېرىياللىرىنىڭ تولۇق تۈگەپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. 

دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى 25 نانۋايخانىنىڭ ھەممىسىنىڭ 31-مارت كۈنى بۇغداي ئۇنى ۋە يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئائىلىلەرگە تارقىتىلغان يېمەكلىكلەرمۇ شۇ ھەپتە ئىچىدە تۈگەپ كەتكەن ئىدى.

دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى بىخەتەر سۇ ۋە تاماق ئېتىش ئۈچۈن يېقىلغۇ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ يېمەك پىشۇرۇش ئۈچۈن ئوتۇن ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

غەززە نۆۋەتتە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چېگرا ئېغىزلىرى تاقىلىپ قېلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە – بۇ رايونغا ئۇدا 7 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ياكى سودا ماللىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ. 

دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1400 پىرسەنتكىچە ئاشقانلىقىنى، ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال، كىچىك بالىلار، ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھەم ياشانغانلار قاتارلىق مۇداپىئەسىز ھالەتتىكىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى جەھەتتىن قاتتىق ئەندىشەلەرنى تۇغدۇرماقتا.

دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى چېگرا ئېغىزلىرى قايتا ئېچىلغاندا، ئۇدا 4 ئاي بىر مىليون ئادەمنى بېقىشقا يېتىدىغان 116  مىڭ مېترىك توننا (بىر مېترىك توننا مىڭ كىلوگىرامغا توغرا كېلىدۇ) يېمەكلىك ياردىمىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

 ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى

 ئىسرائىلىيە قامال ئاستىدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 51 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرفاب پەلەستىنلىكلەر ساننىڭ كېيىنچە 62 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

تېل ئاۋىۋ غەززە رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل ئاھالىسىنى  دېگۈدەك  ئۆي – ماكانسىز قالدۇردى؛ غەززەنى قامال ئاستىدا تۇتۇپ، يېمەكلىك، سۇ، دورا، توك ۋە باشقا زۆرۈر ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىنى توسۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
فىدان مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىش چاقىرىقىدا بولدى
«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن»
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
سۈرىيە قىسىملىرى ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن ھەسەكەدىكى قاسراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كىردى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئىسرائىلىيە زاھرانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان لىۋانلىقلارنىڭ رايوننى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلدى
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باشلىقى: ئىران دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «جەزمەن» قاتنىشىدۇ
پېنتاگوننىڭ كۇباغا قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى «تېزلەتكەن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىقىنى توختىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى