ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ھۇجۇم ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن كاراكاستا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
كاراكاستا يېرىم كېچىدە ئاڭلانغان پارتلاش ئاۋازلىرى ۋاشىنگتوننىڭ ھۇجۇم ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن كېيىن يۈز بەردى؛ مادۇرو ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ھەمكارلىق چاقىرىقىدا بولدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02:00 ئەتراپىدا، ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا ئالدى بىلەن ئايروپىلانلارنىڭ ئارقىدىنلا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.
مەزكۇر پارتلاشلار كارىب دېڭىزىغا بىر فىلوت ئەۋەتكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قارىتا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. سائەت 02:15 ئەتراپىدا پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتلاشنىڭ قايسى نۇقتىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋېنېزۇئېلاغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىك پاراخوتلىرى ئىشلىتىدىغان بىر توختاش ئورنىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن پارتلىتىپ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ بىر ھەربىي ھەرىكەتمۇ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانمۇ، ھۇجۇمنىڭ قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەي، پەقەت «قىرغاق بويىدا» دېيىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. مەزكۇر ھۇجۇم ۋېنېزۇئېلا تېررىتورىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمنى جەزملەشتۈرمىدى ياكى ئىنكار قىلمىدى. ئەمما پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكانىڭ ھەربىي بېسىمىغا قارىماي، ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ ھاكىمىيىتى مادۇرونى بىر زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. مادۇرو بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا ۋە ئامېرىكانىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە ۋېنېزۇئېلادا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش تاشلاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ۋاشىنگتون ۋېنېزۇئېلا ھاۋا تەۋەلىكىنى ئەمەلىيەتتە تاقاپ، يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ۋە ۋېنېزۇئېلا نېفىتى قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنى مۇسادىرە قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىش ئارقىلىق كاراكاسقا بولغان بېسىمنى كۈچەيتتى. ترامپ ھەپتىلەردىن بۇيان رايوندىكى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىغا قارىتا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ «پات يېقىندا» باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە بۇ تەھدىتنىڭ تۇنجى ئەمەلىي مىسالى دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا كۈچلىرى سېنتەبىردىن بۇيان كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندا ۋاشىنگتون تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پاراخوتلارغا قارىتا نۇرغۇن ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نىشانغا ئېلىنغان پاراخوتلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر جامائەتچىلىككە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات كۆرسەتمىدى. بۇ ئەھۋال مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا قارىتا تالاش-تارتىشلارنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دېڭىز ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئېلىپ بېرىلغان كەم دېگەندە 30 قېتىملىق ھۇجۇمدا 107 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.