ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكا سىرتىدا ئىشلەنگەن بارلىق فىلىملەرگە %100 تاموژنا بېجى قويۇش پەرمانى چۈشۈردى
بۇ ھەقتىكى بايانات ترامپنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىلىك تاموژنا بېجى قويۇشتەك قاتتىق سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن ئاقساراي تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتقان ۋە بۇ تەنقىدلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
ترامپ ئامېرىكا سىرتىدا ئىشلەنگەن بارلىق فىلىملەرگە %100 تاموژنا بېجى قويۇش پەرمانى چۈشۈردى
"Hollywood, and many other areas within the U.S.A., are being devastated," he added, claiming this amounted to a national security threat. / AP

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا سىرتىدا ئىشلەنگەن بارلىق فىلىملەرگە يېڭى تاموژنا بېجى قويغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنداقلا ئامېرىكا فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى ۋە ئىستۇدىيەلەرنىڭ چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھوللېۋۇدنىڭ «ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتىكى بايانات ترامپنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىلىك تاموژنا بېجى قويۇشتەك  قاتتىق سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن ئاقساراي تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتقان ۋە بۇ تەنقىدلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق يازدى:

 «سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسىغا، چەت ئەللەردە ئىشلەنگەن ۋە دۆلىتىمىزگە كىرگەن بارلىق فىلىملەرگە %100 تاموژنا بېجى قويۇش باسقۇچىنى دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈش ھوقۇقى بېرىمەن.»

ترامپنىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاتتىق سودا سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرلىرىگە ئۇچرىغان خىتاينىڭ ئالدىنقى ئايدا ئامېراكادىن ئىمپورت قىلىنغان فىلىم سانىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىغا %145 تاموژنا بېجى قويغان، بۇ سىياسەتلەر سەۋەبىدىن خىتاي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

 

«تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇش»

 

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكادىكى فىلىم سانائىتى ساھەسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ساھە باشقا دۆلەتلەر، فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىمىز ۋە ئىستۇدىيەلەرىمىزنى ئامېرىكادىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ھوللىۋۇد ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا نۇرغۇن ساھەلىرى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. بۇ بولسا دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ.»

تاموژنا بېجىنىڭ فىلىم سانائىتى ساھەسىگە بولغان تەسىرلىرى ياكى تاموژنا بېجىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

 ترامپنىڭ باياناتىدا، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىغا نىسبەتەن كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان ۋە پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن سۆز ئېچىلمىدى.

 خىتاي

 ترامپ يەنە، ئامېرىكانىڭ خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىنىڭ ئادىل سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، Air Force One ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەپتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى يوقلۇقىنى، بىراق ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەر خىل تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ بۇ ھەپتە بىرەر سودا كېلىشىمىنىڭ ئېلان قىلىنىپ -قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن بۇنىڭ «ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن»  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن تەپسىلاتىي ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى