يىغىن ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ.
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئەنبەك قۇلۇبايېۋنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە ئەتە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خاقان فىداننىڭ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئەنبەك قۇلۇبايېۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلىرىدە، تۈركىيە – قىرغىزىستان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەتكەن سەۋىيەسى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ۋە ئالاقىلەردىن ھېس قىلىنغان خۇشاللىقنى تىلغا ئېلىشى، شۇنداقلا كەلگۈسى مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ۋە باشلىقلار يىغىنلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
سودا، ئىقتىساد، سېلىنما، ئېنېرگىيە، قاتناش، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، مائارىپ ۋە ئىنسانىي-مەدەنىيەت ساھەلىرى باشلىق ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە دائىر ئانالىزلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خاقان فىداننىڭ، 5 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىشى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
خاقان فىداننىڭ سۆھبەتلەردە، خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى بولغان «ئوتتۇرا كارىدور» باشلىق باغلىنىشلىقنى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش دائىرىسىدە ئۇكرائىنا، ئىران ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر ئۆزئاراپىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
يىغىن ئاخىرىدا ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2026-2027-يىللىق ھەمكارلىق پىروگراممىسى ئىمزالىنىدۇ.
تۈركىيە 1991-يىلى 16-دېكابىردا قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا1992-يىلى 29-يانۋارد كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان ئىدى.
شۇ كۈنى، بىشكەك ۋە ئەنقەرەدە ئۆزئارا ئەلچىخانىلار ئېچىلدى، تۈركىيە بىشكەكتە ئەلچىخانا ئاچقان تۇنجى دۆلەت بولدى.
ئىككى تەرەپلىك سەۋىيەدە، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسى، ئورتاق ئىقتىساد كومىتېتى ۋە سىياسىي مەسلىھەتلىشىش مېخانىزملىرى ئۈنۈملۈك ۋە قەرەللىك تۈردە خىزمەت ئىشلىمەكتە.
بۇ مېخانىزملارنىڭ الدىنقى سېپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى 2011-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ رامكىدىكى ئاخىرقى يىغىن 2024-يىلى 5-نويابىردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە قىرغىزىستاننىڭ 7-چوڭ سودا شېرىكى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقماقتا. 2025-يىلى ئورتاق سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 6.3 كۆپىيىپ، 1 مىليارد 645 مىليون دوللارغا يەتتى.
1995 – 2025 – يىللىرى تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا سالغان بىۋاسىتە سېلىنمىلىرى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، سېلىنما جەھەتتىن تۈركىيە خىتاي ۋە رۇسىيەدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىرغىزىستاندىكى تۈرك سېلىنمىلىرى كۆپىنچە كانچىلىق، ئېنېرگىيە، پۇل - مۇئامىلە جەھەتتىن ۋاسىتىچىلىك ۋە سۇغۇرتا شۇنداقلا پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن.
كانچىلىق، مالىيە، ساياھەت، قۇرۇلۇشقا ئوخشىغان نۇرغۇن ساھەلەردە تەخمىنەن 350 تۈركىيە شىركىتى قىرغىزىستاندا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
قىرغىزىستان بىلەن مائارىپ ساھەسىدىمۇ قويۇق ھەمكارلىق مەۋجۇت. قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى 1995-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1997-1998-ئوقۇش يىلىدا پائالىيەت باشلىغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا قىرغىزىستاندا مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق 3 مەكتەپ، تۈركىيە تۈركچىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزى، تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى بىشكەك مائارىپ مەكتىپى ۋە تۈركىيە دىيانەت فوندى جەمئىيىتى قوللاۋاتقان ئوش ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى، ئوش ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە باتكەن ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بار.
1992-يىلدىن بۇيان، 4 مىڭ 676 قىرغىزىستان پۇقراسى ئوقۇغۇچى، تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.





















