سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىدىكى ترامپنىڭ سۈرىتىنى نارازىلىقلاردىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈردى
ئامېرىكا ئېپىشتېين ھۆججەتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ترامپنىڭ سۈرىتىنى نارازىلىقلاردىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈردى.
ئامېرىكا ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىدىكى ترامپنىڭ سۈرىتىنى نارازىلىقلاردىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈردى
ئامېرىكا ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىدىكى ترامپنىڭ سۈرىتىنى نارازىلىقلاردىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈردى / Reuters

شەنبە كۈنى ترامپنىڭ خىزمەت ئۈستىلىنىڭ تارتىمىسىنى كۆرسىتىدىغان سۈرەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 پارچە سۈرەت ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان جېفرېي ئېپىشتېين ھۆججەتلىرى ئارىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ترامپقا ئائىت بىر پارچە سۈرەت، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر سۈرەتتە ئېپىشتېيننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدىن ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈشىدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى قايتىدىن ئېلان قىلىندى.

 بىر تارتمىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە ئىچىدە ترامپنىڭ ھەر خىل ئاياللار بىلەن بىرگە چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان مەزكۇر رەسىم، يوشۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش مەقسىتىدە نىيۇ يورك جەنۇبىي رايونى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«تەكشۈرۈشتىن كېيىن، سۈرەتتە ئېپىشتېين تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت تېپىلمىدى ۋە سۈرەت ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ياكى چەكلىمە قويۇلماستىن قايتىدىن ئېلان قىلىندى.»

مۇئاۋىن باش تەپتىش تود بلانچ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بەرگەن باياناتىدا، ئىشخانىسىنىڭ سۈرەتنى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەر سەۋەبىدىن ئۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بلانچ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە NBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ «Meet the Press with Kristen Welker» پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى، 2019-يىلى تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان جىنسىي جىنايەتچى جېفرېي ئېپىشتېين بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىڭلىغان ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىراق، ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتۇقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئېپىشتېين بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىغا قارىماي ترامپنىڭ ئىسمىنىڭ ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، بەزى جۇمھۇرۇيەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلار رەھبىرى ھاكېم جېفرىيس يەكشەنبە كۈنى ABC News تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «ھۆججەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ نېمە ئۈچۈن قانۇننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەلىپىدىن تۆۋەن بولغانلىقى توغرىسىدا تولۇق ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش» توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى.

The New York Times، NPR ۋە Associated Press نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىزمەت ئۈستىلى تارتمىسىنىڭ سۈرىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 16 پارچە سۈرەت شەنبە كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. بىراق رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ ئۆچۈرۈۋېتىشلەرنى مۇستەقىل ھالدا جەزملەشتۈرەلمىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپقا نىسبەتەن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەيىبلەش يوق بولۇپ، ئۇ، ئېپىشتېيننىڭ جىنايەتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى