خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى
سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھۇجۇملاردىن كېيىن ۋاقىتلىق كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى.
سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى
The curfew followed attacks by gunmen on security forces as they protected demonstrations in several coastal and central Syrian cities. (FILE) / Reuters

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز بويى شەھىرى لازىقىييەدە ئادەم ئۆلۈش بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر ۋاقىتلىق كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنى يولغا قويدى. مەسئۇللار، سەۋەبىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق قانۇنسىز ياكى قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

لازىقىييە ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى بىخەتەرلىك قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چەكلىمە سەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى 17:00 دىن باشلاپ، چارشەنبە كۈنى 06:00 غىچە داۋاملىشىدىكەن. چەكلىمە جىددىي ئەھۋاللار، سەھىيە خادىملىرى، قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. پۇقرالاردىن بۇيرۇققا تولۇق ئەمەل قىلىش ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نۇرىددىن بابا، مىنىستىرلىقنىڭ سۈرىيە پۇقرالىرىنى قانۇن ۋە دۆلەت نوپۇزى ئاستىدا قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلاپ، لازىقىييە ئاھالىسىنى قۇتراتقۇلۇقلارغا ئەگەشمەسلىككە ۋە مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىردى. ئۇ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ پۇقرالارغا ياكى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى «قانۇنغا ئاشكارا خىرىس» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. باياناتچى سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) ئارقىلىق ئېلان قىلغان سۆزىدە: «شەخسىي خاتالىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ياكى باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ چەكلىمە، يەكشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن يولغا قويۇلدى. رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لازىقىييەدىكى ھۇجۇملاردا تۆت كىشى ئۆلگەن، 108 كىشى يارىلانغان.

يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ قەلئەسى دەپ قارىلىپ كەلگەن دېڭىز بويى رايونىدا ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىۋاتقان كونا تۈزۈم قالدۇقلىرىنى تازىلاش ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرىيەنى 25 يىل ئەتراپىدا باشقۇرغان ئەسەد 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، بەئىس پارتىيەسى تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ، يانۋار ئېيىدا ئەھمەد شارا (شەرئ) رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى