خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ
ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن فىلورىداغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي كانادادا توختاپ، ئالدى بىلەن كانادا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ / TRT Balkan

 ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي يەكشەنبە كۈنى دىپلوماتىك جەھەتتىن مۇھىم دپ قارالغان خىزمەتلەر مەسىلىسىدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ بىرنەچچە ئىتتىپاقدىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.  ئۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا:  «ئەتە پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

زېلېنسكىي ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ترامپ بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشتىن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ پايتەختكە قارىتا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كىيېۋنى يەنە بىر قېتىم قوللايدىغانلىقىغا قارىتا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ۋەدىلەرنى ئالدى.

ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن فىلورىداغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي كانادادا توختاپ، ئالدى بىلەن كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بىلەن كۆرۈشتى. ئاندىن تور يىغىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرىگە مەلۇمات بەردى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرىدرىخ مېرزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەھبەرلەر ئۇنىڭغا «ئۇكرائىنانى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى  ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدايدىغان «ئادالەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تىنچلىقنى» خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە بولسا ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپالىق قوللىغۇچىلىرىنى توقۇنۇشنى توختىتىشقا قارىتا ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەييارلانغان پىلاننى «بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىدى.

  رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مىرنوگراد ۋە گۇليايپولودىن ئىبارەت يەنە ئىككى شەھەرنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن: « كىيېۋدىكى دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمىسا، ئالدىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز