تەنتەربىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
دېمبېلې «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك مۇسۇلمان پۇتبولچى بولدى
دېمبېلې رودرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، لامىن يامالنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لىئونېل مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ھۆكۈمرانلىق قىلىپكۋق پۇتبولدىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپات «ئالتۇن توپ» (Ballon d'Or) نىڭ ساھىبى بولدى.
دېمبېلې «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك مۇسۇلمان پۇتبولچى بولدى
دېمبېلې «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك مۇسۇلمان پۇتبولچى بولدى / AP

پارىژ ساينت – گېرمان كوماندىسىنىڭ يان ھۇجۇمچىسى ئۇسمان دېمبېلې دۈشەنبە كۈنى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇبىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىكى چولپانلىق نەتىجىسىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىسپانىيەلىك ئايتانا بونماتى ئاياللار تۈرىدە ئۈچ قېتىم ئۇدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

28 ياشلىق دېمبېلې بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ياش چولپىنى لامىن يامالنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، 2024 – يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مانچېستېر شەھىرى ۋە ئىسپانىيە ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى رودرىدىن كېيىن پۇتبولدىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپات ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لىئونېل مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدوغا مەنسۇپ ئىدى.

بورۇسسىيە دورتموند ۋە بارسېلونا كوماندىلىرىنىڭ سابىق ھۇجۇمچىسى دېمبېلې 2018 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تەركىبىدە ئىدى. ئۇ PSG بىلەن بىرلەشمە ۋە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بارلىق مۇسابىقىلەردە ۋاراتاغا 35 توپ كىرگۈزدى ھەمدە ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلدى.

كېلىيان مباپپېنىڭ رېئال مادرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىشىدىن كېيىن، مەركىزىي ھۇجۇمچى ئورنىغا ئۆتكەن دېمبېلې، PSG نىڭ ميۇنخېندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىنتېر مىلان كوماندىسىنى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

دېمبېلې پارىژ مەركىزىدىكى چاتېلېت تىياتىرخانىسى سەھنىسىدە تەسىرلىك ھالدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ھېس - تۇيغۇلىرىمنى ھەقىقەتەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بىز PSG بىلەن ئاجايىپ بىر پەسىلنى باشتىن كەچۈردۇق.»

ئۇ، كۇلۇبىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دىرېكتور لۇئىس ئېنرىكېنىڭ ئۆزى ئۈچۈن «بىر دادىغا ئوخشاش» ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ بىر شەخسىي مۇكاپات بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ غەلىبە كوماندىنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. <ئالتۇن توپ> مۇكاپاتى مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى بىر نىشان ئەمەس ئىدى، ئەمما ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كوماندا نامىدىن ناھايىتى كۆپ ئەجىد قىلدىم.»

2023 – يىلى بارسېلونادا دېمبېلېنىڭ كەسپدىشى بولغان مەزگىلدە داڭقى چىققان 18 ياشلىق يامال، 21 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ ياخشى ماھىرغا بېرىلىدىغان «كوپا لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا ئۇدا ئىككىنچى قېتىم ئېرىشتى.

دېمبېلې مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە PSG دىكى كوماندا ئەزالىرى 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مۇسابىقە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ناچار ھاۋا شارائىتى سەۋەبىدىن يەكشەنبە كۈنىدىن دۈشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

 ئارقا - ئارقىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈچ قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت

 بارسېلونا ۋە ئىسپانىيە كوماندىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ساھە ھۇجۇمچىسى بونماتى، ئاياللار ياۋروپا چېمپىيونلار مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جازا توپى تېپىشتە ئەنگلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن مارىيونا كالدېنتېينى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئاياللار تۈرىدە لوڭقىنىڭ ساھىبى بولدى.

27 ياشلىق بونماتى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۆز كوماندىسى بىلەن ئاياللار چېمپىيونلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كالدېنتېينىڭ كوماندىسى ئارسېنالغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

بونماتى مېڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسپانىيەنىڭ ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق تەركىبتە ئورۇن ئالالمىغان بولسىمۇ، ياۋروپا چېمپىيونلار مۇسابىقىسىدە شۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھىرى بولۇپ باھالاندى.

«مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن بونماتى، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئوينىغان تۈرتكىلىك رول ماختاپ: «مېنىڭچە، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئارقا - ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەن ئەزاسى بولغان كوماندىلار بولۇپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە قولغا كەلدى» دېدى.

ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئەنگلىيە دۆلەت كوماندىسى، شۇنداقلا ئارسېنال كوماندىسىنىڭ نامزاتلىرىدىن ئالېسسىيا رۇسسو ئۈچىنچى رەتكە تىزىلدى.

بونماتىنىڭ ئۇدا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىشى بارسېلونا ۋە ئىسپانىيە كوماندىلىرىدىن ئالېكسىيا پۇتېللانسنىڭ ئارقىمۇئارقا  غەلىبە قىلىشىدىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ.

نورۋېگىيەدىن ئادا خېگېربېرگ ۋە ئامېرىكالىق چولپان مېگان راپىنوي، 2018 – يىلى تارقىتىلىشقا باشلانغان ئاياللار «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن باشقا ماھىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

«ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى، ئەرلەر ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيا رەت تەرتىپىدىكى ئەڭ ياخشى 100 دۆلەتتىن، ئاياللار ئۈچۈن بولسا ئەڭ ياخشى 50 دۆلەتتىن بىرەر ژۇرنالىستنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

بونماتىنىڭ بارسېلونا ۋە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىلىرىدىكى كەسپدىشى 19 ياشلىق ھۇجۇمچى ۋىكىي لوپېز ئەڭ ياخشى ياش ئايال ماھىر بولۇپ باھالاندى.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە PSG نىڭ ياخشى نەتىجە قازانغان كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋە كېيىن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا يۆتكەلگەن گىئانلۇئىگى دوننارۇمما ئەڭ ياخشى ۋاراتارغا بېرىلىدىغان ياشىن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا چېمپىيونى ۋاراتارى ھەننا خامپتون ئەڭ ياخشى ئايال ۋاراتار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى سارنا ۋىگمان ئەڭ ياخشى ئايال دىرېكتور بولۇپ باھالاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - تۈركىيەنىڭ گالاتاساراي پۇتبول مەستانىلىرى غەززە ئۈچۈن ئاۋازىنى ياڭراتتى

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى