تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«سومالى – ئېفىيوپىيە كىرىزىسى ئەردوغان سايىسىدا ھەل بولدى»
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سومالى – ئېفىيوپىيە كىرىزىسى ئەردوغان سايىسىدا ھەل بولدى»
Hakan Fidan weziri Ankaraning Suriye iç savaşida daha çoq kötileshishni önlimekte iken, bu savaş 2011-yilidin beri dawamlashiwatidu / TRT World

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مۇھىم بىر باسقۇچنىڭ تاماملانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خاقان فىدان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچىنى بىۋاسىتە باشقۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە مۇقىملىق، خاتىرجەملىك ۋە گۈللىنىشكە تۆھپە قوشىدىغان تارىخىي بىر قەدەمگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىدان تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچى داۋامىدا تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرىگە  ئەستايىدىل قۇلاق سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم، ئادىل ۋە داۋاملىق ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىۋاتقان دىپلوماتىيە ئېڭىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامايەندىسىدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەتلەر پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

ئەردوغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، سومالى ۋە ئېپىيوپىيە ھەيئەتلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتناشقان ھەر خىل شەكىلدىكى سۆھبەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇلغانىدى.

تەخمىنەن يەتتە سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئۈچ رەھبەر ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركىيەنىڭ قولايلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە  ئېفىيوپىيە فېدېراتسىيەسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن سومالى فېدېراتسىيەسى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە باياننامەسى» پۈتۈن دۇنياغا جاكارلانغانىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»