ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقدىشى ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن خىزمەت ئىشلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكالىق-ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن خىزمەت ئىشلىدى.
ترامپنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقدىشى ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى  ئۈچۈن يوشۇرۇن خىزمەت ئىشلىدى
/ Reuters

ترامپنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكالىق-ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن خىزمەت ئىشلىدى.

ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا  بىلدۈرۈشىچە، «تىنچلىق ئۈچۈن ئەرەب ئامېرىكالىقلار» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بىشارا بەھبەھ ھاماسنىڭ بىر ئەزاسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىسرائىلىيەنى سىرتتا قالدۇرۇلۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا پۈتۈشكەن.

مەنبەلەرنىڭ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكالىق-ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن ئېدان ئالېكساندېر  ئامېرىكا-ئەرەب كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بىشارا بەھبەھنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا  يوشۇرۇن ۋە ئاستىرتىن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە غەززەدە قويۇپ بېرىلگەن.

ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئۆتكەن ئايدا دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ستېۋ ۋىتكوف بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن بەھبەھ بىلەن ئالاقىلەشكەن. بۇ يوشۇرۇن ئالاقە نەتىجىسىدە ئېدان ئالېكساندېر ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

بەھبەھ سۆھبەتلەر ياكى ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانى توغرىسىدا توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئالېكساندېر غەززە-ئىسرائىلىيە چېگرا لىنىيەلىرىگە ئورۇنلاشقان ئالاھىدە پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكالىق تۇتقۇن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، غەززەدە يەنە 59 تۇتقۇن بار بولۇپ، بۇلاردىن 21 ىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ سانى 9900 دىن ئارتۇق ئىكەن.

 «ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى»

 مال-مۈلك باشقۇرۇش ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە يازغۇچى بولغان بەھبەھ، 2024-يىلى مايغىچە دېموكراتلار پارتىيەسى سايلىغۇچىسى سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە پائال رول ئوينىغان.

ئۇ، ئىلگىرى «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەشكە چەكلىمە قويۇشنى رەت قىلىشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

بەھبەھ بولۇپمۇ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە ترامپنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغۇچىسى بولغان ۋە ئاساسلىقى مىچىگان ئىشتاتى قاتارلىق ئەرەب ئامېرىكالىقلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلاردا ترامپنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

بەھبەھ ئامېرىكا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى رىچارد گرېنېل، تىرامپنىڭ قىزى تىفانى ترامپنىڭ يولدىشى لىۋانلىق-ئامېرىكىلىق سودىگەر ھەم ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى ماسساد بولوس قاتارلىق ترامپنىڭ داڭلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورناتتى.

ترامپ «غەززەنى ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بەھبەھ تەشكىلاتىنىڭ نامىنى «ترامپ ئۈچۈن ئەرەب ئامېرىكالىقلار» دىن «تىنچلىق ئۈچۈن ئەرەب ئامېرىكالىقلار» غا ئۆزگەرتتى.

سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلار ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان يوشۇرۇن ئالاقە - سۆھبەتلەر ھەققىدە سورىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باش باياناتچىسى توممى پىگوت، ئالاھىدە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«ئالاھىدە دىپلوماتىك سۆھبەتلەر ھەققىدە توختالمايمەن. لېكىن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ: <ھېچ بىر ئامېرىكالىقنى كارىم بولماي تاشلاپ قويمايمەن> دېگەن سۆزىنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

پىگوت ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ «ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ترامپمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيومۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. لېكىن ئالاھىدە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمايمەن ياكى مەلۇمات بەرمەيمەن.»

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»