خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى / AP

رىياد بىلەن پارىژ قانۇنسىز كۆچمەنلەر رايونلىرىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن تولۇق چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ فىرانسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

مەزكۇر بايانات شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئوتتۇرىسىدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئىككى رەھبەر يەنە «سەئۇدى ئەرەبىستان - فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رايونلۇق مۇقىملىق مەسىلىسىدە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئاساس قىلغان ئورتاق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پەلەستىن مەسىلىسىدە رىياد بىلەن پارىژ 1967-يىلدىكى چېگرا لىنىيەسى ئاساسىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنى كەسكىن رەت قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر سىياسەتلىرىگە ۋە كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇمكىن قىلىدىغان شارائىتلارنى يارىتىش ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى توسالغۇسىز يەتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىپ، پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلاھاتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋان مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى قويۇقلاشتۇرۇشقا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. شۇنداقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى، دۆلەت كونتروللۇقى سىرتىدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىران مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قايتىدىن باشلاشقا ئۈندىدى. سۈرىيە مەسىلىسىدە رەھبەرلەر بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئورتاق «سەئۇدى ئەرەبىستان - سۈرىيە - فىرانسىيە سودا كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن بىلەن قارشى ئالدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار