رۇسىيەنىڭ پاراخوتى ئاقدېڭىزدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
رۇسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن يۈك پاراخوتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«تاس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقدېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ ئوبورونلوگىستىكا شىركىتىگە تەۋە «ئۇرسا مايور» ناملىق يۈك پاراخوتى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 23-دېكابىر كۈنى موسكۋا ۋاقتى سائەت 13:50 ئەتراپىدا مەزكۇر پاراخوتتا ئارقىمۇئارقا ئۈچ قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ 24-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدى بىلەن، «ئۇرسا مايور» ناملىق يۈك پاراخوتىنىڭ كومپيۇتېر بۆلۈمىدە پارتلاش يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا پاراخوت ئۆرۈلۈپ چۆكۈپ كەتكەن.
ۋەقەدىن كېيىن پاراخوتتىكى 16 خادىمدىن 14 ى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 2 سى يوقاپ كەتكەن.
بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە قازاقىستاندىكى ئايروپىلان قازاسىدا يارىلانغان 9 رۇسىيە پۇقراسىنى ئايروپىلان بىلەن پايتەخت موسكۋاغا يۆتكىمەكتە ئىكەن.