خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇس پەررىللا ئىقتىسادىي قورشاۋ، ئېنېرگىيە چەكلىمىلىرى، چېگرا ھالقىپ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتىنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۇبا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رودرىگۇئېس رۇبىيونىڭ كۇباغا قارىتا نېفىت قامالى يوق دېگەن دەۋاسىنى رەت قىلدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

رودرىگۇس سەيشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت ۋەيرانە ئەھۋالدا... ئۇنى قۇتقۇزۇش بىر شەرەپتۇر» دېيىش ئارقىلىق كۇباغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنىڭ بېشارەتلىرىنى بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «بۇنىڭ ئەڭ مەسخىرىلىك تەرىپى شۇكى، ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ دۆلەتنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەندىن سىرت، يېقىنقى ئىككى ئايدا قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان ئىككى پىرېزىدېنت پەرمانىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ زۇلۇمنى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى. ئۇ ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىقتىسادىي قامالنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ «خەلقئارالىق جىنايەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ كۇباغا نېفىت ساتقان دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى قويۇش تەھدىتىگە قارىماي، نۆۋەتتە نېفىت قورشاۋى يۈرگۈزمىگەنلىكىنى ئېيتتى. رۇبىيو كۇبادىكى ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ «دەل بۈگۈنلا» ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ