خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت شەھەرگە جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار مۇداپىئە باش ئىدارىسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خەمىس مۇشەيت، ئەبھا، جازان ۋە نەجران شەھەرلىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. خەۋپنىڭ تۈرى ۋە تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت شەھەرگە جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى
(ئارخىپ) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبى يەمەن چېگراسىدىن ئېتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (ئۇ ئا) ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار مۇداپىئە باش ئىدارىسى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خەمىس مۇشەيت، ئەبھا، جازان ۋە نەجران شەھەرلىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

باياناتتا رايوندىكى پۇقرالار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، جىددىي ھالەت تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ كۆرسەتمە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئەمما يوشۇرۇن خەۋپنىڭ تۈرى ياكى تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ يەمەندە ھۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە جاۋابەن، ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرا رايونلىرى ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىنى پات-پات ھۇجۇم قىلماقتا.

رايوندىكى ھەربىي رايونلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئەسلىھەلەر بەزىدە يەمەن چېگراسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى