سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: پايتەخت كىيېۋ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قويۇق ھۇجۇمى ئاستىدا
كىيېۋ  باش ئىشتاب باشلىقى شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى بىنالارغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن چۈشكەن پارچىلارنىڭ تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: پايتەخت كىيېۋ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قويۇق ھۇجۇمى ئاستىدا
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى جەريانىدا كىشىلەر مېترو بېكىتىدە پاناھلانماقتا. / Reuters

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

كىيېۋ  باش ئىشتاب باشلىقى تىمۇر تىكاچېنكو پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە چۈشكەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پارچىلىرىنىڭ، شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان مەھەللىلىرىدىكى تۇرالغۇ بىنالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە بىناغا تەگكەنلىكىنى ئېيتتى.

 كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىتچكومۇ پايتەختنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، پايتەختنىڭ رۇسىيەنىڭ قويۇق ھۇجۇمى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۈشمەن كىيېۋنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باللىستىك بومبىلار بىلەن ئوققا تۇتماقتا، پايتەخت دۈشمەننىڭ قويۇق ھۇجۇمى ئاستىدا» دېدى.

كلىتچكو پەيشەنبە كۈنى كىيېۋغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بەش قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، راكېتا پارچىلىرىنىڭ يەنە بىر «غەيرىي تۇرالغۇ بىناسى» غىمۇ تەگكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رەسمىي بولمىغان تېلېگرام سەھىپىلىرىدە ئولتۇراق بىنالارنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ يالقۇن ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدېيولار ھەمبەھرىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن جانغا زامىن بولۇش ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى يەنە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ شىمالدىكى خاركىۋ، سۇمى ۋە چېرنىخىۋ بىلەن مەركىزىي قىسىمدىكى پولتاۋا رايونى قاتارلىق دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىنىمۇ نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى