سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە جەمئىي 2 مىليارد 800 مىليون دوللار قىممىتىدىكى، غەززەدىمۇ قوللىنىلغان بىر توننىلىق بومبىلارنى سېتىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»

ۋاشىنگتون پوچتا (WP) گېزىتى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېقىنقى تارىختىكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىش سودىسىنىڭ بىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر  قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر توننا كېلىدىغان 20 مىڭ دانە «MK-84» ۋە 20 مىڭ دانە «BLU-117» تىپلىق بومبىنىڭ ئىسرائىلىيەگە سېتىلىشىغا يېشىل چىراغ ياققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر پىلان دائىرىسىدە يەنە 20 مىڭ دانە «I-2000 Penetrator» تىپلىق ئوق بېشىنى سېتىپ بېرىشنىڭمۇ تەستىقلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئەگەر بۇ سودا ئىشقا ئاشسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قېتىمدىلا سېتىلغان ئەڭ چوڭ ئوق-دورا سودىسى بولۇپ قالىدۇ. مەزكۇر بومبىلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 800 مىليون دوللار دەپ قارالماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا كۆپ قېتىم قوللانغان «MK-84» تىپلىق بومبىلار ۋەيران قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، پارتلىغاندىن كېيىن پارچىلىرى يۈزلىگەن مېتىر يىراقلىققا تارقىلىدۇ، مېتال ۋە قېلىن بېتونلارنى تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە يەر يۈزىدە چوڭ ئورەكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ترامپ ھۆكۈمىتى 2025-يىلى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈش مۇساپىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئىسرائىلىيەگە 2 مىليارد 40 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىشنى تەستىقلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى