تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشىدىن كېيىن، رايوندىكى رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە غەززە ئۇرۇش توختىتىش خىتابنامىسىنى ئىمزالىشىنى «ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن غايەت زور بىر كۈن» دەپ ئاتىدى.
تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى / Reuters

مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار بىر ھۆججەتنى ئىمزالىدى.

بۇ ھۆججەت دۈشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى شارمۇششەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىمزالاندى.

ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشىدىن بىر نەچچە سائەت كېيىن، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان بىر خىتابنامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى «ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن غايەت زور بىر كۈن» دەپ ئاتىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ يىغىنغا قاتناشقان يىگىرمىدىن ئارتۇق دۇنيا رەھبىرىگە خىتاب قىلىپ: «بۇ، دۇنيا ئۈچۈن غايەت زور بىر كۈن، ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن غايەت زور بىر كۈن» دېدى.

ترامپ ھۆججەتنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن: «بۇ ھۆججەت قائىدىلەرنى، بەلگىلىمىلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى بېكىتىدۇ» دېدى ۋە «بۇ ھۆججەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىككى قېتىم تەكرارلىدى.

غەززەنى قايتا قۇرۇش يىغىنى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى دۆلىتىنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مىسىر يېقىنقى كۈنلەردە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە غەززەنى قايتا قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ. بىز دەسلەپكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

سىسى يەنە غەززە كېلىشىمىنىڭ «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئازابلىق بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن يېڭى بىر تىنچلىق ۋە مۇقىملىق دەۋرىنى باشلىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئۇ يەنە بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئاساس سالىدىغان «تارىخىي بىر كۈن» ئىكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى