ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ جاممۇ كەشمىردىكى قىلمىشى  مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى
سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ جاممۇ كەشمىردىكى قىلمىشى مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدىھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىردە ساقچىلارنىڭ كىتاب دۇكانلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنى مۇسادىرە قىلىشى، رايوندىكى مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
00:00
ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ جاممۇ كەشمىردىكى قىلمىشى مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى / Archivo AFP

شەنبە كۈنى سىرىناگار رايونىدا باشلانغان باستۇرۇشلارنىڭ دائىرىسى باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيدى. مۇسۇلمان رەھبەرلەر بۇ ھەرىكەتنى ئىسلام دىنى نىشان قىلىنغان زوراۋانلىق ھۇجۇمى دەپ ئاتىدى.

ئالاقىدار تارماقلار ساقچىلارنىڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «چەكلەنگەن بىر تەشكىلاتنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى يېيىش نىشان قىلىنغان كىتابلارنىڭ مەخپىي سېتىلغانلىقىغا دائىر ئىستىخبارات» قا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈدى، ھەمدە يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما كىتابچىلار مۇسادىرە قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىسلام جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شامىم ئەھمەد توقار مۇسادىرە قىلىنغان كىتابلارنىڭ «ئېسىل ئەخلاقىي قىممەت-قاراشلار ۋە مەسئۇلىيەتچان پۇقرا بولۇشنى تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى» قەيت قىلدى.

كەشمىرنىڭ باش ئىمامى ئۆمەر فارۇق، «ئىسلام دىنى ئەسەرلىرىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىش ۋە بۇ ئەسەرلەرنى كىتاب دۇكانلىرىدىن يىغىۋېلىش بىمەنىلىك» دېدى ۋە بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە، بۇ كىتابلارنىڭ ئىنتېرنېتتىنمۇ تېپىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە رايوندا ياشايدىغان نۇرغۇن كەشمىرلىكلەر، مودى ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن پۇقرالار ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى