خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ۋېنېسۇئېلا ۋاقىتلىق پېرىزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز دۆلىتىنى ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى قىلىشنى «ئەستايىدىل» ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپقا «مۇستەقىللىق» نى تەكىتلەش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى / Reuters

قوشنا دۆلەت گۇيانا بىلەن بولغان ئېسېكۇئىبو رايونى تالاش-تارتىشىغا ئائىت خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا كۆرۈلۈۋاتقان دېلونى كۆزىتىش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ لاخاي شەھىرىگە بارغان رودرىگۇئېز ترامپقا رەددىيە قايتۇردى.

ۋېنېسۇئېلا ۋاقىتلىق پېرىزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز ترامپقا ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇنداق بىر ئىشنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋېنېسۇئېلالىقلارنى خاراكتېرلەندۈرىدىغان ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە ۋە بۇ كۈرەشنىڭ قەھرىمانلىرىغا بولغان سادىقلىقىمىزدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدىكى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن رودرىگۇئېز: «بىزنىڭ تارىخىمىز بىزنى بىر مۇستەملىكە ئەمەس، بەلكى ئەركىن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ غەلىبىلەرگە تولغان كۈرىشىدۇر» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) مۇخبىرى جون روبېرتسقا تېلېفوندا بەرگەن باياناتىدا، ۋېنېسۇئېلا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشقان ترامپ، ۋېنېسۇئېلانى ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى قىلىشنى «ئەستايىدىل» ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ۋېنېسۇئېلا ترامپنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.

ۋېنېسۇئېلا پېرىزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ 3-يانۋاردا كاراكاستىكى ئۆيىدىن ئامېرىكاغا ئېلىپ كېتىلىشىدىن كېيىن ۋېنېسۇئېلا بىلەن نېفىت كېلىشىمى تۈزگەن ترامپ، بۇ مەسىلىگە ئائىت باياناتلىرىدا رودرىگۇئېز بىلەن «ياخشى چىقىشىدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدىمۇ ۋېنېسۇئېلانى ئامېرىكاغا قاراشلىق بىر ئىشتات قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ