پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بەش يىلدىن كېيىن خىتايغا قىلغان بۇ زىيارىتى، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى / AA
2025-يىلى8-ئاينىڭ31-كۈنى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لېي خەيساۋ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنال ۋە باش ئەلچىخانا خادىملىرى قارشى ئالدى.

ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلەرنىڭ شەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇراننىڭ ئىلگىرى بىلدۈرگىنىگە ئاساسلانغاندا، دۈشەنبە كۈنى كېڭەيتىلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئەردوغان سۆز قىلىدۇ. 31-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە خىتايدا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

بەش يىل ئارىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ زىيارەت، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى. باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇنداقلا باشقا قاتناشقۇچى رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان، دۆلەتلىك ئىسىتىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىبراھىم كالىن، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ھەمراھ بولماقتا.

ئۇندىن باشقا، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خالىت يەرەباكان، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل فارۇق ئاقسۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھالۇق گۆرگۈن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالاھىدە ئىش بېجىرىش مۇدىرى ھاسان دوغانمۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan is attending SCO Summit in China. How significant is that?

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە

2001-يىلى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تولۇق ئەزالار ئارىسىدا رۇسىيە، بېلارۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بار.

بۇ تەشكىلات ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ 2017-يىلى، ئىراننىڭ 2023-يىلى ۋە بېلارۇسىيەنىڭ 2024-يىلى قاتنىشىشى بىلەن تۆت يېڭى ئەزا قوشقان.

تۈركىيە 2012-يىلىدىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئەزا دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ بۇ قەدىمى، ئەنقەرەنىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرو-ئاسىيا رايونى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيە 2017-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە كۇلۇبىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق ھالقىلىق ئەزالار بىلەن بولغان سودىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى.

دۈشەنبە كۈنىگىچە پورت شەھىرى تيەنجىندا داۋاملىشىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 80 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ ھەربىي پاراتتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى