سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى: ئۆلۈم ھادىسىلىرى ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى
ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما بارلىق ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھىندىستانغا قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى: ئۆلۈم ھادىسىلىرى ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى
/ Reuters

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ھەپتە پاكىستان بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئۇرۇشتا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋابەن: «ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، ھەمدە بارلىق ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھىندىستانغا قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى  رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ 5 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى، ئەمما ھىندىستان تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈرمىگەنىدى.

 شۇ كۈنى، ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۆت ھۆكۈمەت ئەمەلدارى  رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا پاكىستاننىڭ توققۇز «تېررورلۇق نىشانى» غا زبەربە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىشىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىن، ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ فېدېراتسىيە رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 

يەكشەنبە كۈنى، پاكىستان بىلەن ھىندىستان بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ بىرنەچچە سائەت كېيىن، يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى رەقىب دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئايان بولدى. 

ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇ ۋە مىنامىيوت ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

 بۇ ھۇجۇملار كەم دېگەندە 60 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە، مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى. دەرۋەقە، بۇ ھۇجۇملار 1999-يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى توقۇنۇشتىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار دەپ ئاتالدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، كۈتۈلمىگەندە «پۈتۈنلەي ۋە دەرھال» توقۇنۇشنى توختىتىش قارارىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە «ئۇزۇن بىر كېچىدىن كېيىن» چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق
موسكۋاغا 650 ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلىندى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ: ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى