ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىق، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ۋاقتى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىق، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىق، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت / Anadolu Agency

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىدىغان، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. خەلقئارا ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلغان بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش سىياسىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇشىدۇر.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدا قويۇق سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى شەرت.

ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ قان ۋە ۋەيرانچىلىق كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز.

ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»

 «ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىتتۇر»

ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (ئاق پارتىيە) مۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم كېچىدە ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ قانۇنلۇق ياكى يوللۇق تەرىپىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك جۈمى كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ، ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىقتۇر.»

چەلىك ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيە بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىدىغان ۋەھشىيلەرچە ۋە قانخورلارچە ھۇجۇملىرىغا يەنە بىرىنى ئىلاۋە قىلدى.»

باياناتچى چەلىك يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پۈتكۈل دۇنيانىڭ قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

 يادرو پەنلىرى ئالىملىرى ئۆلتۈرۈلدى

 

چەلىك ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن يېڭى بىر ھۇجۇم باشلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشى، تېل ئاۋىۋنىڭ دىپلوماتىيەگە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى پەقەت رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.»

چەلىك خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كونكرېت ۋە ئورتاق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 200 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇئەسسەسەلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇملاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە يادرو پەنلىرى ئالىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ