تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ت د ت) ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

By
ت د ت / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ 9-10-دېكابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن دائىرىسىدە مېھمان مىنىستىرلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مەۋجۇت ۋە يوشۇرۇن ھەمكارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە كۆزەتكۈچى ئەزالاردىن ۋېنگىرىيە، تۈركمەنىستان بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتنىشىدۇ.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە، 9-دېكابىر كۈنى تېخنىكىلىق سەۋىيەدىكى «ئېنېرگىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى»، 10-دېكابىر كۈنى مىنىستىر بايراقتارنىڭ ساھىبخانلىقىدا «مىنىستىرلار يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىندا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلار، ئېنېرگىيە ساقلاش، ھىدروگېن ۋە كاربون تۇتۇشقا ئالاقىدار ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرى، ھالقىلىق مىنېراللار ۋە سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىغا ئوخشاش ئېنېرگىيەنىڭ بارلىق ساھەلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شۇنداقلا تۈرك دۆلەتلەر رامكىسى ئاستىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىشى زۆرۈر بولغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.