خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
كاللاس رۇسىيەنى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ، ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس رۇسىيەنى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ، ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
كاللاس رۇسىيەنى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ، ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
/ Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىدىن سۆھبەت  ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى، ھەمدە غەربنىڭ كىيېۋغا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يازلىق تەتىلدىن كېيىنكى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان كايا كاللاس، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ «تىنچلىققا قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى ۋە مەجبۇر بولۇپ قالمىسا ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىناغا 169 مىليارد ياۋروغا يېقىن ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ 63 مىليارد ياۋروسىنىڭ ھەربىي ياردەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يىل پەقەت ئەزا دۆلەتلەرلا 25 مىليارد ياۋرو بېرىدۇ. ھازىرغىچە 2 مىليون ئوق-دورا نىشانىمىزنىڭ %80 ىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئۆكتەبىرگىچە بۇ نىسبەتنى %100 كە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - پۇتىن: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ «ئاساسلىق سەۋەبى» 2014-يىلىدىكى كىيېۋ «سىياسىي ئۆزگىرىشى»دۇر

كاللاس غەربلىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«غەرب ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ھازىر پىدائىيلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇھىم ۋەدىلىرى ئۈستەلدە.»

كاللاس 4-سېنتەبىر پىدائىيلار بىرلەشمىسى پارىژدا يىغىن چاقىرىپ بىر كۈن كېيىن، پۇتىننىڭ تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە قارشى ھۇجۇم ئارقىلىق تەھدىت سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ رۇسىيە تەرىپىدىن جىددىيچىلىكنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا بۇ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى بىۋاسىتە ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيەگە بېرىدىغان سىگنالىمىز ناھايىتى ئاددىي: بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈڭ.»

كاللاس ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپانىڭ نىشانلىرى ھەققىدە  توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر بىرىنچى گۇرۇپپا سۆھبەتلىرىنى باشلايدىغان ۋاقىت كەلدى.»

فىنلاندىيە زېمىن مەسىلىسىدە ئېتىبار بېرىشنى رەت قىلماقتا

 

يەنە بىر تەرەپتىن، فىنلاندىيە سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادىكى دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رۇسىيەگە زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە رۇسىيەنىڭ رايوندىكى «تاجاۋۇزچىلىقىنى» تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ — ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇملارنىڭ — رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەس، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ تەييار ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر سۆھبەتتە ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئامىللىرى قۇربان قىلىنسا، بىز ئاساسىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىشىمىز مۇمكىن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن سايلاملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھاۋا قاتنىشى ئۈچۈن GPS سىستېمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدا كۆلەڭگە فىلوت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياۋروپا بويىچە ھەر خىل ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. پۇتىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئۇكرائىنانى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە ھەل قىلىنمايدۇ.»

ۋالتونېن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى، موسكۋاغا سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى بازىرىغا قىلغان بارلىق ئېكسپورتلىرىغا تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن چەكلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز