يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا ئاتقان 3 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا: «تېررورچى ھۇسىي خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا قارىتىپ ئېتىلغان 3 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يوقىتىلدى» دېيىلدى ھەمدە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا بايقالغان 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭمۇ توسۇپ قېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىندى.
يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار يېقىندىن بۇيان پايتەخت رىيادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.





















