ترامپ مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىجازەت رەسمىيىتىنىڭ تېزلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قايتىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكاغا 1 مىليارد دوللار ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئىجازەت رەسمىيىتىنىڭ تېزلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ / TRT Global

ترامپ ئۆزىگە تەۋە «Truth Social» ئاممىۋى تاراتقۇ سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئامېرىكاغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىجازەت رەسمىيىتىنىڭ تېزلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكاغا 1 مىليارد دوللار ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەبلەغ سالغان ھەرقانداق شەخس ياكى شىركەت بارلىق مۇھىت ئاسراش تەستىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق تەستىق ۋە ئىجازەتنامىگە ئېرىشەلەيدۇ.»

باياناتىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىغان ترامپ، سايلام رىقابىتى جەريانىدا، شىركەتلەرگە باجنى ئازايتىش ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقى ، ھەمدە دۆلەتكە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىيۇروكراتىيەنى ئازايتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى.