خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
دوكلات: ئىسرائىلىيە غەززە قىرغىنچىلىقىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تەخمىنىچە، قىرغىنچىلىق جەريانىدا 112 مىڭ 69 نەپەر پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ رەقەم غەززە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى.
دوكلات: ئىسرائىلىيە غەززە قىرغىنچىلىقىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن
تەتقىقاتچىلار يەنە قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ غەززەدىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ھېسابلاپ چىقتى. / AA
2025-يىلى11-ئاينىڭ25-كۈنى

گېرمانىيەدە چىقىدىغان ھەپتىلىك «ZEIT» (ۋاقىت) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئىلگىرى مۆلچەرلەنگىنىدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۇمكىن. گېرمانىيەنىڭ روستوك شەھىرىگە جايلاشقان ماكس پلانك نوپۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 100 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى ئىرېنا چېن: «بىز ئۆلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ھەرگىز بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت ئېھتىماللىقى بولغان كۆلەم دەرىجىسىنى ئىمكانقەدەر توغرا مۆلچەرلەشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلىشىچە، مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بەرگەن بۇ قەتلىئامنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 99 مىڭ 997 بىلەن 125 مىڭ 915 ئارىسىدا بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرى بولسا 112 مىڭ 69 كىشىدۇر.

ماكس پلانك تەتقىقاتچىلىرى تۈرلۈك مەنبەلەردىن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ئىستاتىستىكىلىق تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەتقىقاتقا غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن باشقا، مۇستەقىل ئائىلە تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۆلۈم خەۋەرلىرىمۇ كىرگۈزۈلدى.

ھازىرچە يېگانە رەسمىي مەنبە غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى بولۇپ، مەزكۇر مىنىستىرلىق قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا 67 مىڭ 173 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

«ZEIT»  گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانلىق مەلۇماتلاردا ئىستاتىستىكىلىق  ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق ئىكەن.

ساختىپەزلىك يوق

تۈرلۈك تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، رەسمىي رەقەملەردە كۆرسىتىلگىنىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئوخشىمىغان تەتقىقاتلار تىزىمغا ئېلىنمىغان ئۆلۈم سانىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويماقتا.

سەھىيە مىنىستىرلىقى دوختۇرخانىلار تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ئۆلۈم ئىسپاتىغا ئوخشاش پەقەت دەلىللەنگەن ئۆلۈملەرنىلا تىزىمغا ئالىدۇ. قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە نۇرغۇن دوختۇرخانىلار نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، مىنىستىرلىق ئەمدىلىكتە ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن كەلگەن ئۆلۈم ئۇقتۇرۇشلىرىنىمۇ قوبۇل قىلماقتا. كېيىنچە بىر ھەيئەت بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەيدۇ. مەسىلەن، ۋەيران قىلىنغان بىنالارنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا قالغان قۇربانلار كۆپىنچە ھالدا تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالماقتا.

ماكس پلانك گۇرۇپپىسى ئىلگىرىكى بايقاشلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆلۈم ئەھۋالىغا ئائىت تەپسىلىي مۆلچەرلەرنى ھېسابلاپ چىقتى. ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئانالىز قىلدى.

بۇ ئۇسۇل تېخىمۇ ئېنىق ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەنە كىملەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەپسىلىي پەرقلەندۈرۈشكىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ئۆلۈم خاتىرىلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى جىنس ۋە ياشقا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ؛ ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاز ھېسابلىنىپ قالماقتا. رەسمىي ئىستاتىستىكىلار كۆپىنچە ھالدا 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلىشىچە، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ تەخمىنەن 27 پىرسەنتى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلار، تەخمىنەن 24 پىرسەنتى بولسا ئاياللار بولۇشى مۇمكىن.

ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشى تۆۋەنلىدى

تەتقىقاتچىلار يەنە قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ غەززەدىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ھېسابلاپ چىقتى. ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئاياللاردا 77 ياش، ئەرلەردە 74 ياش بولغان ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشىنى، نوپۇسشۇناسلار 2024-يىلى ئاياللاردا 46 ياشقا، ئەرلەردە 36 ياشقا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەگەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى يېقىنقى يىللاردىكىدەك داۋاملىشىۋەرسە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى پەقەت مۇشۇ ياشلارغىچە بولىدۇ.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار غەززەدىكى پۇقرالار ئۈچۈن ھاياتنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۆلۈم-يېتىمدىن باشقا، ئىسرائىلىيە مۇھاسىرە ئاستىدىكى بۇ رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى ۋە پۈتكۈل نوپۇسنى دېگۈدەك ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار