خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى قانلىق توقۇنۇش قايتىدىن ئەۋج ئالدى
قايتىدىن كۈچەيگەن تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى قانلىق توقۇنۇش يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى قانلىق توقۇنۇش قايتىدىن ئەۋج ئالدى
تايلاند ۋە كامبودژا ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن قېچىپ كەتكەن تايلاند پۇقرالىرى، تايلاندنىڭ سۇرىن ئۆلكىسىدىكى بىر تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىدە ئارام ئالماقتا. / AP

سەيشەنبە كۈنى تايلاند ۋە كامبودژانىڭ بەش ئۆلكىسىگە كېڭىيىپ، قايتا پارتلىغان توقۇنۇشلارغا ھەققىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى «ۋەزىيەتنى قۇترىتىش» بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى قايتا ئەۋج ئالغان چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن تايلاند ۋە كامبودژادا بىخەتەر رايونلارغا قاچقانلارنىڭ سانىنىڭ 500 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ رەقەم، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ئوخشاش توقۇنۇشلاردا تارقاقلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي ئادەم سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۇراسانت كوڭسىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ۋەزىيەتنى بىخەتەرلىككە بىر تەھدىت دەپ باھالىغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپ ساندا پۇقرالارنى يۆتكەشكە توغرا كەلدى. يەتتە ئۆلكىدە 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر پاناھگاھلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز 2025-يىلى ئىيۇلدا كۆرۈلگەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ قايتىلىنىشىنى خالىمايمىز».

كامبودژا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مالىي سوچېئاتا بولسا، سەيشەنبە ئاخشىمىغىچە «بەش ئۆلكىدە 101 مىڭ 229 كىشىنىڭ بىخەتەر پاناھگاھلارغا ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى» مۇخبىرلارغا مەلۇم قىلدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئارىسىدا، مۇستەملىكە دەۋرىدە سىزىلغان 800 كىلومېتىرلىق (500 مىل) چېگرا لىنىيەسى بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، تارىخىي ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش مەسىلىسى قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كەتتى.

ئىيۇل ئېيىدا بەش كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا ئونلارچە ئادەم ئۆلگەن ۋە چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە تەخمىنەن 300 مىڭ كىشى يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى توقۇنۇشلار بولسا، شۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان نازۇك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى