سەئۇدى ئەرەبىستان كۇرسانتلىرى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى بايقاردا تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان كۇرسانتلىرى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى بايقاردا تەربىيەلىنىشنى تاماملىدىبايقار شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 15 ئۇچقۇچى بىلەن 15 مېخانىك ۋە ئېلېكترون تېخنىكى كۇرسانتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان كۇرسانتلىرى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى بايقاردا تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى / َAA

بايقار شىركىتى مەزكۇر تەربىيەلەش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دېڭىز ئارمىيەسىدىن 15 ئۇچقۇچى بىلەن 15 مېخانىك ۋە ئېلېكترون تېخنىكى كۇرسانتلىرى چورلۇ ئۇچۇش تەربىيەلەش ۋە سىناق قىلىش مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىشنى غەلىبىلىك تاماملاپ ئوقۇش پۈتتۈردى. كۇرسانتلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز.»

بايقار شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا 2023-يىلى «ئاقىنجى» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېكسپورت قىلىش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

بۇ دائىرىدە «ئاقىنجى» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ قورال - ياراغ ساپىسىغا قوشۇلىدۇ. بايقار شىركىتى يەنە تەربىيەلەش، تېخنىكىلىق قوللاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ