ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمى رۇسىيەدە ھاۋا قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
ئۇكرائىنانىڭ 100 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇچقۇ بىلەن رۇسىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرى موسكۋادا زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ھارپىسىدا كۆپلىگەن شەھەردىكى ئايرودۇرۇملارغا تەسىر كۆرسەتتى.
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمى رۇسىيەدە ھاۋا قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
Firefighters work at the site of the Barabashovo market hit by Russian drone strike, amid Russia's attack on Ukraine, in Kharkiv, Ukraine May 6, 2025. / Reuters

ئۇكرائىنانىڭ  ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ سەيشەنبە كۈنى كېچىسى تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەدىكى ئايرودۇرۇملاردا ھاۋا قاتناشلىرىغا چەكلىمە قويۇلغان. بۇ ھۇجۇملار موسكۋادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن پەقەت بىرقانچە كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، جەمئىي 105 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى رۇسىيەنى نىشان قىلغان. بۇ ھۇجۇملار 9-ماي كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 80 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن. بۇ مۇراسىمغا يەنە كۆپلىگەن دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ موسكۋا ئەتراپىدا 19 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ۋەيران بولغان ئۇچقۇ پارچىلىرىنىڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ كوچىغا چۈشكەنلىكىنى، ئەمما ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورتى ئورگىنىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋادىكى تۆت ئايرودۇرۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئايرودۇرۇمدا ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇلغان. ئەمما شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى بولغان شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىنىڭ ھاۋا قاتنىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

 توك پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى

 رۇسىيە تاراتقۇلىرى موسكۋادا دېرىزىلىرى دەز كەتكەن بىر سودا سارىيى ۋە قارىيىپ كەتكەن بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ۋولگوگراد ۋە نىزخنىي نوۋگورود قاتارلىق باشقا شەھەرلەردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋورونېج ۋە پېنزا ۋالىيلىرى ئۆز رايونلىرىدا تەرتىپ بويىچە 18 ۋە 10 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق تالاپەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 

كۇرسكىي رايونىدا بولسا مۇۋەققەت ۋالىي ئالېكساندىر خىنشتېين دۈشەنبە كۈنى كېچىسى رىلسك شەھىرىدىكى بىر تىرانسفورموتور مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئىككى ياشنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

 ۋالىي ئالېكساندىر خىنشتېين ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«شەھەرگە قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككى ترانسفورموتور زىيانغا ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن، توك پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.»

ئۇكرائىنادا بولسا، ئودېسا رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېگ كىپېر دۈشەنبە كېچىسى رايوندا روسىيەنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى