ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى: ئىككى ھەپتىلىك جەنۋە دىپلوماتىيە باسقۇچى باشلىنىدۇ
جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى: ئىككى ھەپتىلىك جەنۋە دىپلوماتىيە باسقۇچى باشلىنىدۇ
ئىسرائىلىيە - ئىران ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى / AP

ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى دائىرىسىدە ئىككى ھەپتىلىك جەنۋە دىپلوماتىيە باسقۇچى باشلىنىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققۇسى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەر، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسيتىش مەقسىتىدە جۈمە كۈنى جەنۋەدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دىپلوماتىك تەشەببۇسنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. يىغىندا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان كىرىزىسكە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك مۇھىم دىپلوماتىيە باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، شۇنداقلا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاسنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

جەنۋە يىغىنى رايوننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا توقۇنۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىغا دائىر بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەندىشىلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر ھەپتە لاھېيدە چاقىرىلىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا دىپلوماتىك تەشەببۇسنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا ئىكەن. يىغىندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىكەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لاممى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك. ئىراننىڭ ھېچقاچان يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مەيدانىمىز قەتئىيدۇر.»

لاممى ئاقسارايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

 «ئۇچرىشىشتا كېلىشىمنىڭ قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىەپ باردۇق. كىرىزىسنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا ئىككى ھەپتىلىك پۇرسەت كۆزنىكى بار.»

لاممى جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى:

«ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە جەنۋەدە فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشىمەن. ئەمدى ئوتتۇرا شەرقتىكى تىراگېدىيەلىك مەنزىرىلەرگە خاتىمە بېرىدىغان ۋە ھېچكىمگە پايدىسى يوق رايونلۇق كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

24-25-ئىيۇن كۈنلىرى لاھېيدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى