ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈداندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈداندىكى ئۇرۇشنىڭ پەلەستىنلىك پۇقرالارغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈداندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى
"The only way to ensure the protection of civilians is to end this senseless conflict," Guterres said / AA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈداندىكى ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كىرگەنلىكىنى، بۇ ئۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

گۇتېررېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىككى يىللىق تىراگېدىيەلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، سۈدان نۆۋەتتە ئادەمنىڭ باغرىنى خۇن قىلىدىغان كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى پۇقرالار تۆلىمەكتە.

بازارلار، دوختۇرخانىلار، مەكتەپلەر ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كۆچمەنلەرنىڭ پاناھ جايلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.

12 مىليونغا يېقىن كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئەتتى. بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە ئايلاندى. 3.8 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانماقتا.»

گۇتېررېس 30 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 25 مىليونىنىڭ ئېغىر ئاچلىقچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ھوسۇلسىزلىق مەزگىلى يېقىنلاشماقتا، مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە كەم دېگەندە بەش رايوندا ئاچارچىلىق بايقالدى، بۇنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»

باش كاتىپ گۇتېررېس باياناتىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خىزمەتچى خادىملىرى نىشان قىلىنىۋاتقان توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 90 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ جاۋابكارلىرىدىن ھېساب ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بارلىق قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش دوكلاتلىرىغا ئاساسەن مۇستەقىل، بىتەرەپ ۋە ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

 

مىڭلىغان ئۆلۈم، مىليونلىغان كۆچمەن

 

گۇتېررېس يېڭى سىياسىي ئىرادەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولۇپ مۇنداق دېدى:

«پۇقرالارنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر يولى بۇ مەنىسىز ئۇرۇشنى توختىتىشتۇر.

دۇنيا ئەللىرى سۈدان خەلقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى رامتانە لامامرا تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

2023-يىلى 15-ئاپرېلدىن بۇيان، سۈداندا تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى بىلەن سۇدان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈمرانلىق كۈرىشى داۋاملاشماقتا، بۇ، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيەلەردىن بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، توقۇنۇشلاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. لېكىن، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 130 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

دۆلەتتىن قېچىپ چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېفىيوپىيە، مىسىر، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە چادتىن پاناھلىق تىلىگەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى