تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەنگلىيە جاسۇسى توماس ئېدۋارد لاۋرېنسنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پائالىيەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان 1929-يىللىق ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى ئاممىغا ئېلان قىلدى.
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
MIT نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەشر قىلىش ئۇنىڭ رەقەملىك ئارخىپلىرى ئارقىلىق تاللانغان تارىخىي ئاخبارات ماتېرىياللىرىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. / AA

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى، تاشقى دۇنيادا «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» دەپ تونۇلغان ئەنگلىيە ئوفىتسېرى ۋە ئىستىخباراتچىسى توماس ئېدىۋارد لاۋرېنسقا ئالاقىدار قىممەتلىك بىر تارىخىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھۆججەتتە، لاۋرېنسنىڭ ھەربىي فورما كىيگەن سۈرىتى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە بېرىلگەن ئىستىخبارات باھالىرى ئورۇن ئالغان.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، لاۋرېنس مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق ئەللەردە تۈرلۈك ساختا ئىسىملارنى قوللىنىپ ۋە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ يوشۇرۇن ساياھەتتە بولغان. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، لاۋرېنس مىسىردا ساختا سالاھىيەت بىلەن تۇرغاندىن كېيىن سۈرىيە ۋە ئىراققا ئۆتكەن، كېيىن قۇددۇسقا بېرىپ، ئاخىرىدا سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا تۇرۇپ قالغان.

ھۆججەتتە يەنە، لاۋرېنسنىڭ قۇددۇستا تۇرغان مەزگىلىدە گاھىدا مۇسۇلمان دىنىي ئۆلىماسى، گاھىدا يەھۇدىي راھىبى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىي جامائىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم يىغىنلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭ قۇترىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، يەرلىك خەلقنىڭ پىكىر-ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ئارخىپ تېكىستىدە يەنە، ئوسمانلى ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ مىسىر، پەلەستىن ۋە سۇداندىكى سىياسەتلىرىگە بەرگەن تەھلىللىرىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، رايوندا سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ۋە ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

1929-يىلى 23-سېنتەبىردە تەييارلانغان بۇ تارىخىي ھۆججەت، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تور بېكىتىدىكى «ئالاھىدە توپلام» نىڭ «ھۆججەتلەر» سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلۈپ تورداشلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى، ئىدارە تەسەررۇپىدىكى تارىخىي ئىستىخبارات ماتېرىياللىرىنى رەقەملىك ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئاممىغا ئاشكارىلاش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى، دەپ باھالىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى