گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرى يېزىلىرىدا ئارمىيەگە ئائىت تۇرۇبا لىنىيەسىدىن 300 مىڭ لىتىر نېفىت ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن، بىر سابىق ئەسكەرگە نارازىلىق ئەرزى سوتى تەرىپىدىن 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.
سابىق ئەسكەر بىلەن بىرلىكتە 2 سى كۈشكۈرتكۈچى بولۇپ جەمئىي 4 كىشى جىنايەتچى دەپ بېكىتىلدى.
ئوغرىلىق ۋەقەسىنىڭ، شۇ مەزگىلدە مەزكۇر رايوندا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۇ يەرگە كىرىپ نېفىت ئوغرىلىشىغا يول قويغان سابىق ئەسكەرنىڭ ياردىمى بىلەن سادىر قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۇ تەشكىللىك گۇرۇھنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى، بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدە يېقىلغۇ ئوغرىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى بايقاپ قېلىشى بىلەن پۈتۈنلەي تەسادىپىي ھالدا پاش بولۇپ قالغان.
سابىق ئەسكەر سوت مەھكىمىسىدە ئۆزىنى ئاقلاپ سۆز قىلغاندىن كېيىن، سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا سوت زالىدىن ئايرىلغان.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قېچىپ يۈرگەن سابىق ئەسكەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.




















