ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
سودا ئۇرۇشى گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا كوۋىد ۋاباسىدىنمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سودا ئۇرۇشىنىڭ گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىنمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سودا ئۇرۇشى گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا كوۋىد ۋاباسىدىنمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
Emerging markets were “steering through the fog” due to the unpredictability of Trump’s trade policy, Gopinath said. / Reuters

سودا ئۇرۇشى گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا كوۋىد ۋاباسىدىنمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

ترامپنىڭ بىر يىغىلىش جەريانىدا پولات ۋە ئاليۇمىن باجلىرىنى % 50 گە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشى، يەر شارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشىدا  يېڭى داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گىتا گوپىنات، سودا ئۇرۇشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زەربىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلاردىكى مەركىزىي بانكىلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى جەرياندىكى پۇل سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئاسانلاشتۇرىدىغان مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

گوپىنات «‹Financial Times› گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تاموژنا باجلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا بولغان مۆلچەرلىگۈسىز سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ قېتىم ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قىيىنچىلىق تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.»

گوپىنات ترامپنىڭ سودا سىياسەتلىرىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بولۇشى سەۋەبىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلارنىڭ «تۇمان ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقى» نى ۋە ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر ھالغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ترامپنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز سودا سىياسىتى

ترامپ ئاپرېل ئېيىدا دېگۈدەك بارلىق دۆلەتلەردىن قىلىنىدىغان ئىمپورتلارغا % 10 تاموژنا بېجى قويدى، پولات، ئاليۇمىن ۋە ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىغا بولسا % 25 لىك قوشۇمچە باج قويدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئونلارچە دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما مۇزاكىرەلەرگە مۆھلەت بېرىش ئۈچۈن بۇلارنى ئىيۇل ئېيىغا قەدەر كېچىكتۈردى.

ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي جەنۋەدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن تاموژنا بېجىنى ۋاقىتلىق تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا پۈتۈشتى، ئەمما ترامپ كېيىن بېيجىڭنى ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزۇش (كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش) بىلەن ئەيىبلىدى.

جۈمە كۈنى ترامپ پېنسيلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ ۋېست مېففىن شەھىرىدىكى بىر يىغىلىشتا، پولات ۋە ئاليۇمىن باجلىرىنى % 50 گە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ۋە قايتىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ سودا ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى% 2.2 تىن% 1.6 كە چۈشۈردى. بۇ، باي دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈزىتىش بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - China 'firmly rejects' US claim of violating tariff deal

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى